خەۋەر - ئۇچۇرلار

News

شىركەت خەۋەرلىرى
شان -شەرەپ قوللاشتىن كېلىدۇ
ۋاقتى : ‏2023-05-28 مەنبەسى : ھۆسنىگۈل تورى يوللىغۇچى : ئابدىسالام :ئاقسۇ گېزىتخانىسىد كۆرۈلىشى:

 شان -شەرەپ قوللاشتىن كېلىدۇ،يول ماڭغانسېرى داغداملىشىدۇ

لۇشۈن ئەپەندى«زېمىندا ئەسلى يول يوق ئىدى،ئىنسانلارنىڭ مېڭىشى ئارقىلىق يول پەيدا بولغان » دېگەن ئىدى. شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى 2008-يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغاندا قانداق يولدا مېڭىشنى،قانداق يولدا ماڭغاندا ئۇتۇق قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى تازا بىلىپ كەتمىگەن ئىدى،لېكىن ۋاقىت ھەممىنى ھەل قىلدى، ماڭغانسېرى يول ئېچىلدى،   گۈزەللىكنى سۆيگۈچى خانىم-قىزلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا روناق تېپىپ، كىچىكلىكتىن زورىيپ،ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، مۇنتىزىملاشقان ،كەسىپلەشكەن، كۆلەملەشكەن، ئىقتىساسلىقلار مەركەزلەشكەن زامانىۋى باشقۇرۇش تىپىدىكى پۇقراۋى كارخانىغا ئايلىنىپ، دىيارىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، گۈزەللىك قۇرۇلۇشىغا تېگىشلىك ھەسسىىسىنى قوشتى، بايراقدار كارخانىغا ئايلىنىپ ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردى.

2011-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا شىركەت لىدىرى ياسىنجان مەھەممەت  جۇڭگۇدىكى ئون مۇنەۋۋەر كارخانىچى قاتارىغا كىردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىركەتنىڭ «ھۆسنىگۈل»يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى ئاياللارنىڭ ئالدىن تاللىشىغا بولىدىغان مەھسۇلات،جۇڭگۇدىكى تېز نام چىقارغان تاۋار ماركىسى،دېگەن نام-ئاتاققا ئېرىشتى،شىركەت بولسا 5 A دەرىجىلىك ئىشەنچىلىك كارخانا،بولۇپ باھالىنىپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ  ئېھتىراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. 2011-يىلدىن كېيىن  شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى ،12315 ئۇزاق مەزگىللىك ئىشەنچ تۇرغۇزغان ماركا قاتارلىق شان-شەرەپلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇردى، 2022-يىلى قوش شان شەرەپلەر  بىلەن ئۇزۇتۇپ قويۇلغان بولسا 2023-يىلى يەنە تېخىمۇ كاتتا شان-شەرەپنىڭ زەپەر دەرۋازىسى«ھۆسنىگۈل»ئۈچۈن كەڭ قۇچاق ئاچتى، جۇڭگو سۈپەتنى ئېھتىراپ قىلىش تەرەققىيات-باشقۇرۇش مەركىزى، جۇڭگو كارخانا ئىناۋىتىنى باھالاش تەرەققىيات مەركىزى قايتا تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق «ھۆسنىگۈل» مەھسۇلاتلىرىغا«جۇڭگو 15-مارت خەلقئارا ئىستىمالچىلار كۈنى بويىچە  سەمىمىي، ئىشەنچىلىك تاۋار ماركىسى» دېگەن ئېھتىراپنامە ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى بەردى،جۇڭگو مەھسۇلات سۈپىتى ئېھتىراپ  مەركىزى، جۇڭگو كارخانا مەھسۇلاتلىرىنى باھالاش مەركىزى سودا-سېتىق كەسپ سالاھىتىنى دەرىجىگە تۇرغۇزۇشتا«ھۆسنىگۈل»شىركىتىگە دۆلەتلىك1-دەرىجىلىك كارخانا، دېگەن كاتتا  سالاھىيەت ۋە نامنى  بەردى…

ياخشى نەتىجە جاپالىق ئەجىردىن كېلىدۇ، يول ماڭغانسېرى ئېچىلىدۇ ۋە كېڭىيىپ داغداملىشىدۇ،شان-شەرەپ كىشىنى روھلاندۇرۇپ جاسارەتنى ئۇرغىتىدۇ، شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىدىكى بارلىق خادىملار بۇيىلقى بۇ كاتتا شەرەپلەردىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە  ھاياجانلىنىپ تەنتەنە قىلىشتى، شۇنداقلا بۇ شان-شەرەپلەرنىڭ ھەممىسى شىركىتىمىزنى قوللىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى خانىم-قىزلارغا مەنسۈپ دەپ قارىدى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ تىرىشىپ،تېخىمۇ ئىزدىنىپ دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، كاتتا سوۋغات ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قوللىغان بارچە خانىم قىزلارغا تېخىمۇ يېڭى،تېخىمۇ رەڭدار،تېخىمۇ ئىشەنچىلىك مەھسۇلاتلار  ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلىدى، ئىشىنىمىزكى،«ھۆسنىگۈل»نىڭ ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق،يولى تېخىمۇ داغدام بولغۇسى……